Posts

Showing posts from October, 2022

سولانا (Solana)

Image
سولانا تەڭگىسى سولانا تەڭگىسى يېقىندا بىر قەدەر مودا بولىۋاتقان شىفىرلىق پۇل (ياكى كېرىپتو پۇل). بۈگۈنكى كۈندە سولانا بازار قىممىتى جەھەتتە سىجىل ھالدا شىفىرلىق پۇل ئىچىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرماقتا. سولانا تەڭگىسىنى كىشلەر ئەسەرېيۇمنىڭ قاتىلى دەپ تەرىپلەيدۇ. چۈنكى سولانا ئىش ئىسپاتى ۋە تارىخ ئىسپاتى ئورتاق نىزامنى قوللىنىدۇ. شۇڭلاشقا، سولانا بۈلەكچە زەنجىرىدە ھەر سېكۇنتا بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېسابات مىقدارى ئەسەرېيۇمنىڭكىدىن جىق، شۇنداقلار باشلىنىش باھاسى ئەسەرېيۇمنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن. سولانا تەڭگىسى سولانا بۈلەكچە زەنجىرى سۇپىسىنىڭ ئۆزى تارقاتقان شىفىرلىق پۇلى. سولانا سۇپىسىدا ئەقىللىق توختام ياكى كېلىشىم تېخنىكىسى قوللىنىلغان. سولانانىڭ ئىجادىيەتچىسى ئانتولېي ياكوۋېنكو. سولانا تەڭگىسنىڭ تۇنجى بۆلىكى 2020-يىلى 16-مارتتا بەرپا قىلىنغان. بۇ يەردىكى بۆلەكنى ئېنگلىزچە Block دەيدۇ. سولانانىڭ ئورگان تورى مەنزىلى: https://solana.com / بۆلەك كۆرگۈسى: https://explorer.solana.com / سولانا بارلىققا كەلگەندى بۇيان نۇرغۇن قېتىم تېخنىكىلىق مەسىللىلەر چىقىپ، ئۇنىڭ ئابرويىغان د

ئۈلۈش ئىسپاتى (Proof of stake)

Image
 ئۈلۈش ئىسپاتى ياكى دويلا ئىسپاتى ئۈلۈش ئىسپاتى ئورتاق مېخانزىم (ياكى ئورتاق نىزام) نىڭ بىر تۈرىدۇر.   ئۈلۈش ئىسپاتى دېگەنلىك مەلۇم بىر خىل شىفىرلىق پۇل بۈلەكچە زەنجىرىدە، نەقلەشتۈرگۈچىلەرنى مۇشۇ شىفىرلىق پۇل بازىردىكى قاتناشقۇچىلاردىن شۇلارنىڭ ئىگە بولغان شىفىرلىق پۇل ئۈلۈشىگە ئاساسەن تاللاپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. ئادەتتە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر شىفىرلىق پۇل ئومۇمى قىمىىتىدە ئىگىلىگەن ئۈلۈش قانچە چوڭ بولسا مۇشۇ شىفىرلىق پۇل بۈلەكچە زەنجىرىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى شۇنچە چوڭ، مۇشۇ بۈلەكچە زەنجىرىدە بولۇۋاتقان ئېلىم-بېرىمنى تەستىقلاش سالاھېيىتىگە ئېرىشىش پۇرستىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ.  ئۈلۈش ئىسپاتى ئورتاق مېخانىزىمى ئىش ئىسپاتى ئورتاق مېخانىزىمىدە بولىدىغان ھېساپلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھىننى تىجەش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان.  PoS  ئۈلۈش ئىسپاتىنىڭ قىسقارتىلما نامى:  ئۈلۈش ئىسپاتى بەئەينى پاي كونتروللۇق شىركەتكە ئوخشايدۇ. پېيىڭىز قانچە چوڭ بولسا شىركەتتە گېپىڭىز شۇنچە ئاقىدۇ. ئەگەر سالغان مەبلىغىڭىز، ياكى پېيىڭىز مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكەندە، سايلىنىپ ياكى تاللىنىپ مۇدىريەتكە كىرىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇ

ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (ج د پ)

Image
   ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى مەلۇم بىر مەزگىل ياكى ۋاقىت ئىچىدە، مەلۇم بىر جۇغراپىيەلىك چېگرا ئىچىدە،ئىشلەپچىقىرىلغان بارلىق  مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنىڭ بازار باھاسىدىكى ئومۇمى قىممىتى.  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئۇيغۇرچە باشقا : مىللى دارامەت، دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمى قىممىتى، ج د پ ج د پ دېگەن بولسا  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشنىڭ باش ھەرىپ بويىنچە قسقارتىلىپ يېزىلىشى.  Gross domestic product   ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشى:  GDP   ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېنگلىزچە تولۇق ئاتىلىشنىڭ قىسقارتىلما نامى:     ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئۈچ خىل تۈرى:  نامدىكى  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ھەقىقى  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئەمەليەتتىكى  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى  ھازىر دۇنايدىكى  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بويىنچە ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر: ئامېرىكا، جوڭگو، ياپونيە، گېرمانىيە، ئەنگىليە.   

تارىخ ئىسپاتى (proof of history)

Image
 تارىخ ئىسپاتى تارىخ ئىسپاتى بىر خىل ئورتاق مېخانىزىمدۇر.    تارىخ ئىسپاتى ئادەتتە دىگىتال (رەقەملىك) شىفىر بىلەن ئۆتكەن ۋاقىتنى ۋە ياكى مەلۇم بىر ئىش ۋە ھادىسنىڭ بولغان ۋاقتىنى  خاتىرلەيدىغان ئۇسۇلدۇر.  ئادەتتە تارىخ ئىسپاتى ئوراتاقلىق مېخانىزىمى باشقا ئورتاقلىق مېخانىزىلملىرى بىلەن بىللە ئىشلتىلدۇ. باشقا ئورتاقلىق مېخانزىملىرىدىن ئىش ئىسپاتى، دويلا ئىسپاتى قاتارلىقلار بار.   (PoH) proof of history تارىخ ئىسپاتىنىڭ ئېنگلىزچە نامى:

ئىش ئىسپاتى (Proof of work)

Image
ئىش ئىسپاتى  ئىش ئىسپاتى بىر خىل ئورتاق مېخانىزىم ياكى ئورتاق ھەممە قوشۇلغان نىزامدۇر.   ئادەتتە شىفىر ئىلمىدا، بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە مەلۇم مىقداردىكى ھېساپلاش ئىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىغىنى ئىسپاتلايدىغان شىفىرلىق ئىسپاتتۇر.  يەنە بىر تەرەپ مۇشۇ ئىسپاتقا ئاساسەن مەلۇم مىقتداردىكى ئىشنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى نەقىلەشتۈرەلەيدۇ.  ئىش ئىپساتى مېخانىزىمىنى دۇنياغا، كەڭ جامائەتكە تونۇتقۇنى دەل بىت تەڭ گىسىدۇر.  ئىش ئىسپاتىنىڭ قىسقارتىلما نامىدۇر. PoW

پۇل-مۇئامىلە ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە ئاتالغۇرلار سېلىشتۇرمىسى (پۇلتەك ئاتالغۇلار)

Image
پۇلتەك (پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى) ئېنگلىزچە ئۇيغۇرچە No. Economics ئىقتىساد 1 Fintech (Financial Technology) پۇلتەك (پۇل-مۇئامىلە تېخنىكىسى) 2 Bitcoin بىت تەڭگىسى 3 Solana  سولانا 4 Tether تەسېر 5 Hash Function خەش فۇنكىسيەسى 6 Complementary currency تولۇقلىما پۇل 7 Ethereum ئەسەرىيېم 8 Cardano كاردانو 9 Binance باينەنىس 10 Xrp ئەكىس ئار پى 11 Dogecoin دوج تەڭگىسى ياكى دوجكويىن ياكى ئىشت تەڭگىسى 12   

بىت تەڭگىسى

Image
 بىت تەڭگىسى  بىت تەڭگىسى ياكى بىتكويىن، ھازىر دۇنيادىكى بازار قىممىتى، باھاسى، ئوبوروت سوممىسى جەھەتتە ئەڭ ئالدىىدا تۇردىغان شىفىرلىق پۇل. بىت تەڭگىسىنى 2009-يىلى ساتوشى ناكاموتو بارلىققا كەلتۈرگەن. ئۇ چاغلاردا نۇرغۇن كىشلەر بىت تەڭگىسنىڭ نېملىكىنى بىلمەيتى.  بىت تەڭگىسى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە Bitcoin : بىت تەڭگىسىنىڭ ئېنگلىزچە يېزىلىشى ₿: بىت تەڭگىسىنىڭ سىمۋولى BTC: بىت تەڭگىسنىڭ قىسقارتىلما يېزىلىشى ، 10 −8 : بىت تەڭگىسنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى يەنى يۈز مېلىيوندەن بىر. مۇشۇنداق مىقتاردىكى بىت تەڭگىسىدىن ئون مىلليون بولسا ئاندىن بىر بىت تەڭگىسى بولىدۇ دېگەن گەپ. بالا بىرلىكلەردىن: مىنى بىت تەڭگىسى: يەنى مىڭدەن بىر دېگەنلىك؛ 1⁄1000؛  مىكرو بىت تەڭگىسى: مىليوندا بىر، يەنى                  1 ⁄ 1 000 000       .ئەڭ كىچىك بىرلىكنى ساتوشى دەپ ئاتايدۇ، يەنى 100 مىليوندا بىر. ئەڭ كىچىك بىرلىك ساتوشى بىت تەڭگىسىنىڭ بەرپاچىسى ساتوشى ناكاموتونى خاتىرلەش ئۈچۈن قۇيۇلغان. ھازىرغىچە ساتوشى ناكاموتونىڭ ھەقىقى كىملىكى تېخى نامەلۇم. 

بىلوگ ھەققىدە

Image
.بۇ توربەتتە ئاساسلىقى ئىقتىساد بىلىملىرى ھەمبەھىرلىندۇ ئىقتىساد بىلىملىرى ئۆگىنەي دېسىڭىز، دەرھۇ بۇ بىلوگقا نەزەر سېلىڭ.  : تەۋىسىيە  .تىكتوكنى، ئىنىستېگرامنى، سنەپچەتنى، فېيسىبوكنى ئاز ئويناپ، كۆپ كىتاپ ئوقۇڭ، ئۆگىنىڭ  ياش ۋاقتىڭىزدە ئۆگەنمىسىڭىز، چوڭ بولغاندا دەردىنى تارتىسىز. بىر كۈنلەر، بىر ئايلار ئۆتەپ كېتىدۇ. لېكىن ئازىراقتىن ئۆگىنىپ  بەرسىىڭىز، خېلى ۋاقىتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالسىز   تېلفون بىلەن تېتىقىسىز مەزمۇنلار بىلەن ۋاقتىڭىزنى زايە قىلماڭ. ئاشۇ ۋاقىتلارنى مەڭگۈ ئارقسىغا ياندۇرامايسىز !!!!