سولانا (Solana)

سولانا تەڭگىسى



سولانا تەڭگىسى يېقىندا بىر قەدەر مودا بولىۋاتقان شىفىرلىق پۇل (ياكى كېرىپتو پۇل). بۈگۈنكى كۈندە سولانا بازار قىممىتى جەھەتتە سىجىل ھالدا شىفىرلىق پۇل ئىچىدە ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىدە تۇرماقتا.

سولانا تەڭگىسىنى كىشلەر ئەسەرېيۇمنىڭ قاتىلى دەپ تەرىپلەيدۇ. چۈنكى سولانا ئىش ئىسپاتى ۋە تارىخ ئىسپاتى ئورتاق نىزامنى قوللىنىدۇ. شۇڭلاشقا، سولانا بۈلەكچە زەنجىرىدە ھەر سېكۇنتا بىر تەرەپ قىلىدىغان ھېسابات مىقدارى ئەسەرېيۇمنىڭكىدىن جىق، شۇنداقلار باشلىنىش باھاسى ئەسەرېيۇمنىڭكىدىن خېلىلا تۆۋەن.

سولانا تەڭگىسى سولانا بۈلەكچە زەنجىرى سۇپىسىنىڭ ئۆزى تارقاتقان شىفىرلىق پۇلى. سولانا سۇپىسىدا ئەقىللىق توختام ياكى كېلىشىم تېخنىكىسى قوللىنىلغان.

سولانانىڭ ئىجادىيەتچىسى ئانتولېي ياكوۋېنكو. سولانا تەڭگىسنىڭ تۇنجى بۆلىكى 2020-يىلى 16-مارتتا بەرپا قىلىنغان.

بۇ يەردىكى بۆلەكنى ئېنگلىزچە Block دەيدۇ.

سولانانىڭ ئورگان تورى مەنزىلى: https://solana.com/

بۆلەك كۆرگۈسى: https://explorer.solana.com/

سولانا بارلىققا كەلگەندى بۇيان نۇرغۇن قېتىم تېخنىكىلىق مەسىللىلەر چىقىپ، ئۇنىڭ ئابرويىغان داغ تەگدى، لېكىن داۋاملىق ياشلارنىڭ قىزىقىشغان ئېرىشمەكتە.

سولانا يېقىندا ئۆزىنىڭ سولانا ساگا ئەقلىيفونننى بازارغا سالماقچى. بۇ تېلفوننىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ئۇ ئاساسلىقى مەركەزسىزلەشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە شىفىرلىق پۇلنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەندۇر. 




Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)