ئۈلۈش ئىسپاتى (Proof of stake)

 ئۈلۈش ئىسپاتى ياكى دويلا ئىسپاتى



ئۈلۈش ئىسپاتى ئورتاق مېخانزىم (ياكى ئورتاق نىزام) نىڭ بىر تۈرىدۇر. 

 ئۈلۈش ئىسپاتى دېگەنلىك مەلۇم بىر خىل شىفىرلىق پۇل بۈلەكچە زەنجىرىدە، نەقلەشتۈرگۈچىلەرنى مۇشۇ شىفىرلىق پۇل بازىردىكى قاتناشقۇچىلاردىن شۇلارنىڭ ئىگە بولغان شىفىرلىق پۇل ئۈلۈشىگە ئاساسەن تاللاپ چىقىش دېگەنلىكتۇر. ئادەتتە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر شىفىرلىق پۇل ئومۇمى قىمىىتىدە ئىگىلىگەن ئۈلۈش قانچە چوڭ بولسا مۇشۇ شىفىرلىق پۇل بۈلەكچە زەنجىرىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى شۇنچە چوڭ، مۇشۇ بۈلەكچە زەنجىرىدە بولۇۋاتقان ئېلىم-بېرىمنى تەستىقلاش سالاھېيىتىگە ئېرىشىش پۇرستىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 

ئۈلۈش ئىسپاتى ئورتاق مېخانىزىمى ئىش ئىسپاتى ئورتاق مېخانىزىمىدە بولىدىغان ھېساپلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نۇرغۇن ۋاقتى ۋە زېھىننى تىجەش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان. 

PoS  ئۈلۈش ئىسپاتىنىڭ قىسقارتىلما نامى: 

ئۈلۈش ئىسپاتى بەئەينى پاي كونتروللۇق شىركەتكە ئوخشايدۇ. پېيىڭىز قانچە چوڭ بولسا شىركەتتە گېپىڭىز شۇنچە ئاقىدۇ. ئەگەر سالغان مەبلىغىڭىز، ياكى پېيىڭىز مەلۇم بىر دەرىجىگە يەتكەندە، سايلىنىپ ياكى تاللىنىپ مۇدىريەتكە كىرىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىىن. 




Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)