مۇقىم باھالىق تەڭگە (مۇقىم قىممەتلىك تەڭگە، Stablecoin)
مۇقىم باھالىق تەڭگە (مۇقىم قىممەتلىك
تەڭگە)
مۇقىم باھالىق تەڭگە بىر خىل شىفىرلىق
پۇلدۇر. مۇقىم باھالىق تەڭگىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دەل ئۇنىڭ باھاسى ياكى
قىممىتنىڭ مەلۇم بىر خىل ئىگىللىك ھوقۇقلۇق پۇل ياكى باشقا خىل تىپتىكى مال مۈلۈك
سېۋىتىگە باغلانغان\قېقىۋىتىلگەن بولىدۇ. مەسلەن تەسېر تەڭگىسى (بىر خىل مۇقىم
باھاللىق تەڭگە) نىڭ باھاسى ئاشۇ شىفىرلىق پۇلنى تارقاتقان شىركەت ياكى تەشكىلات
تەرىپىدىن 1 ئا ق ش دوللىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا سىز تەسېر تەڭگىسنى بۈلەكچە
زەنجىرى سۇپىسى ياكى تارقاتقان شىركەتتىن سېتىۋالسىڭىز، ئۇنى 1 دوللارغا ئېلىپ
ساتىسىز. شۇنداقتىمۇ، ئەركىن بازاردا تەسېرنىڭ باھاسى 1 دوللار ئەتىراپىدا
دەۋىرىيلىك ھالدا ئۆزگىرەيدۇ. مۇقىم باھالىق تەڭگىنى تارقاتقانلار چوقۇم تارقىتىش
مىقتدارى بىلەن تەڭ زاپاس پۇل (مەسلەن، 1 تەسىر تەڭگىسىگە 1 ئا ق ش دوللىرى) نى
كۆتەكلەيدۇ. لېكىن ھازىرقى نۇرغۇن مۇقىم باھالىق تەڭگىلەرنىڭ ھىساباتى ئۇنچىلىك
دەرىجىدە ئاشكارا ئەمەس. شۇڭا، كىشلەر مۇقىم باھالىق تەڭگىلەرنىڭ يىتەرلىك مىقتاردا
كۆتەكلىك زاپاس پۇلى ياكى باشقا مال مۈلۈكىنىڭ (مەسلەن ئالتۇن، كۈمۈش، ئالماس
دېگەندەك) بار يوقلىقىغان گۇمان بىلەن قارايدۇ. شىفىرلىق پۇل بازىردا مۇقىم
باھالىق تەڭگىلەرنى ئادەتتە قاتتىق پۇل (مەسلەن ئا ق ش دوللىرى، ياۋرودەك مۇقىم
پۇللار) قاتارىدا كۆرىدۇ.
Comments
Post a Comment