تەسېر (Tether)

 

تەسېر



تەسېر، ياكى تېسېر، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇقىم باھاللىق تەڭگە. تەسېر شىفىرلىق پۇلنىڭ بىر تۈرى. تەسېرنىڭ ئالماشتۇرۇش باھاسى 1 ئا ق ش دوللىرى.

تەسېر ئېنگلىزچە نامى: Tether

تەسېر قىسقارتىلما نامى: USD₮، ياكى USDT

تەسېر شىفىرلىق پۇلى 2014-يىلى تەسېر چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى تەرىپىدىن بازارغا سېلىنغان. بازارغا تارقىتىلغان ھەر بىر تەسېر تەڭگىسى بىر ئامېرىكا دوللىرى بىلەن كۆتەكلەنگەن. دېمەك، ھەر قانداق ۋاقىتتا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئۆزنىڭ قولىدىكى ھەر بىر تەسېر تەڭگىسنى شىركەتتە 1 ئا ق ش دوللىرىغان ئالماشتۇرلايدۇ. لېكىن شىفىرلىق ئاكسىيە بازىردا، تەسرنىڭ باھاسى ئادەتتە بىر دوللار ئەتىراپىدا ئايلىندۇ. چۈنكى شەخسىلەر تەسېر تەڭگىسنى بازاردا ئەركىن ئېلىپ-ساتالايدۇ.

تەسېر شىركىتى ھەرقايسى ئېىگلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا شۇ يەرنىڭ قانۇنلۇق پۇلى بىلەن كۆتەكلەنگەن تەسېر تەڭگىسنى تارقاتقان، مەسلەن ياۋرو تەسېر، قارشى قىرغاقتىكى خەلق پۇلى تەسېر، ۋە مېكسىكا دوللىرى تەسېر. لېكىن تەسىرى ئەڭ چوڭ، بازار قىممىتى ئەڭ بۈيۈك بولغان تەسېر تەڭگىسى دەل ئامېرىكا دوللىرى تەسېرىدۇر.

تۇنجى تەسېر تەڭگىسى 2014-يىلى 16-ئۆكتەبىر تارقىتىلغان. ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن قەھىرتان سوغوقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، كىشلەر بىر قەدەر ئېتىراپ قىلدىغان مۇقىم باھالىق تەڭگىگە ئايلاندى. شىفىرلق پۇل ھەۋەسكارلىرى ئادەتتە تەسېر تەڭگىسنى شىفرلىق پۇل بازىردا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. يەنى، باشقا شىفىرلىق پۇلنى ئالغاندا ساتقاندا كۆپىنچە ھالدا تەسېر تەڭگىسنى "قاتتىق پۇل" ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تەسېر تەڭگىسنىڭ كۈندىلىك ئوبورت مىقتارى ھەتتە بىت تەڭگىسدىنمۇ چوڭ.

لېكىن تەسېر خېرىدارلار ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ باھاسنى ئىچىدىن كونترول قىلىش (مەنىپيۇلاسىيە) قاتارلىق شىكايەتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچىرماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىشلەر تەسېرنىڭ يېتەرلىك مىقتاردا ئا ق ش دوللار زاپاس پۇلىنىڭ بار يوقىلىغان بىر خىل ئىشەنمەسلىك نەزىرى بىلەن قارايدۇ.

تەسېرنىڭ ئورگان تورى مەنزىلى: https://tether.to/en/




Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)