مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى (Central Bank Digital Currency)

مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى



مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى بىر خىل مەركىزى بانكا تارقاتقان، ھازىر مودا بولۇۋاتقان ھەمدە كەلگۈسنىڭ يۈزلىنىشى پارلاق بولغان تارقىتىلغان دەپتەر تېخنىكىسى (Distributed Ledger Technology) قوللىنىلغان، پۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان ئېلىم-بېرىمدا ئۈچىنچى شەخس ياكى ھەرقايسى پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى سىقىپ چىقىردىغان خاراكتېردىكى بىر خىل يېڭى رەقەملىك (ياكى دىگىتال) پۇل. مەركىزى پانكا تارقاتقان رەقەملىك پۇلنىڭ باشقىچە ئاتىلىشى مەركىزى بانكا تارقاتقان دىگىتال پۇل ياكى م ب ر پ.

مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلىنىڭ ئېنگلىزچە ئاتىلىشى: Central bank digital currency

قىسقارتىلما ئېنگلىزچە نامى: CBDC ياكى س ب د س

مەركىز بانكا رەقەملىك پۇلىنىڭ ھازىرغە قەدەر بىرلىككە كەلگەن ئېنىقلىمىسى يوق. مەركىزى بانكا رەقەملىك پۇلى بىر خىل ئىنقىلاپ خاراكتېردىكى پۇلدۇر. ھازىر كىشلەر ئىشلىتۋاتقان ئالى چىقىمدانى، ئۈندىدار چىقىمدانى، بانكا كارتىسى ئارقىلىق چىقىم قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئېلىكتىرونلۇق پۇلدۇر. ئۇ رەقەملىك پۇل ئەمەس. چۈنكى يۇقۇردا دېيىلگەن چىقىم قىلىش ئۇسۇلىدا پەقەت شەخسىنىڭ پۇل سوممىسى بىر ھىسابتىن يەنە بىر ھىسابقا شۇ دەققىدە يۆتكىلدۇ خالاس، لېكىن قەغەر پۇل ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغان بانكىلار ئارىسىدىكى ھېسابات كېينچە بانكىلار ئارىسدا ئايرىم ئېلىپ بېرىلدۇ. دېمەك،  ئېلىكترونلۇق پۇل بىلەن قىلىنغان چىقىمنىڭ ماھىيىتى يەنىلا قەغەر پۇل بىلەن ئېلىپ بېرىغان ھېسابتۇر.

لېكىن م ب ر پ ئۇنىڭ بىلەن قەتئى ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل پۇل بۈلەكچە زەنجىرىدە ئىجىرا قىلىندىغان بولۇپ، بۇ پۇلنىڭ مەۋجۇدلىقىنىڭ ئۆزى دەل مەۋھۇمدۇر. ئۇنى كۆرەممەيسىز، تۇتاممايسىز، خۇددى ھاۋاغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر پۇل بىر مەۋھۇم رەقەمدۇ. شۇڭا م ب ر پ بۆلەكچە زەنجىرىدە ناھايىتى تېز سۈرەتتە، زېمىن ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا يۆتكىلدۇ. ھازىرقى تارقىتىلغان دەپتەر تېخنىكىسى شارائىتى ئاستىدا، ئەڭ چوڭ تېخنىكىلق چەكلىسمىسى دەل ھەر سېكۇنت چىقىم قىلىش سانىنىڭ ئاز بولۇشىدۇر. لېكىن بۇ مەسسىللەر پات-يېقىندا ھەل بولغۇسى.

قىسقىسى، م ب ر پ دۇنيا توپ ۋە پارچە پۇل چىقىم قىلىش سېستىمسنى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك يېڭىلايدۇ. كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پۇل يۆتكەشكە بەلكىم بىر قانچە سېكونتى كېتىشى مۇمكىن، ھازىر ئۇنىڭغان بىر نەچچە كۈن، ھەتتا ھەپتە كېتىدۇ.




 

Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)