ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)

 

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى



شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى ئاساسلىقى ھەرخىل بۈلەكچە زەنجىردىكى ھەرخىل شىفىرلق پۇللارنى ئېلىپ-سېتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان (توردا ياكى تورسىز تىجارەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان) سودا ئېلىم-بېرىم سۇپىسىدۇر. كۆپ قسىم شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەرخىل ھەقلەرنى يىغىش بىلەن كىرىم قىلىدۇ. شىفىرلىق پۇللارنىڭ سانىنىڭ ئىشىشى، مەسئۇليەتسىز شىركەت ياكى شەخسىلەرنىڭ خەۋەپلىك بازار ھەركىتى سەۋەپلىك ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازارلىرى ئادەتتە ئۆز سۇپىسىدا تىزىملاتقان شىفىرلىق پۇللارغا قاتتىق نازارتچىلىك قىلىدۇ. لازىم بولغاندا مەسئۇليەتسىز ياكى بىخەتەر بولىمىغان شىفىرلىق پۇللارنى سۇپىسىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. تۈۋەندىكىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازارلىرىدۇر (ئوبورت مىقتارى بويىنچە، 2022-يىلى 20-دېكابىر).

1.      باينەنىس (Binance)

2.       تەڭگە بازىسى ئاكسىيەسى (Coinbase Exchange)

3.       كىراكېن (Kraken)

4.    .  باينەنىس ئامېرىكا (Binance.US)

5.       كۇ تەڭگىسى (KuCoin)

6.       بىت فاينەكىس (Bitfinex)

7.       بىت ستەمپ (Bitstamp)

8.       گەمىنى (Gemini)

9.      باي بىت (Bybit)

10.  بىت ئۇچار (bitFlyer)

مەنزىل: https://coinmarketcap.com/rankings/exchanges/



شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى ئۆزە تۇرۇشلۇق ھەمدە تىجارەت قىلىدىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە بويسىندۇ. شۇڭا يۇقىردىكى ئاكسىيە بازىرلىرىنىڭ مەلۇم دۆلەت ۋە رايوندا ئېچىلماسلىقى ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىلىمەسكلىكى مۇمكىن.



Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر