فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

 ئۇيغۇر تېلنى بيىتىش ھەققىدە



فوبىيە: مەلۇم بىر گۇرۇپ، شەخىس، مىللەت،، دىن ، ئۇلۇس، ، ئىرق ياكى باشقا كوللىكتىپ گۇرۇپىلارغا بىر خىل ئۆچمەنلىك ھېسايىتىدا اقاراش، ئۆچمەنلىك قىلىش، نەپرەت ئېتىش، ۋە ياكى شۇ ۋە سەۋەبلىك ھۇجۇم قىلىش ئىستىكنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغان بىر خىل روھى ھالەت ياكى ھېسىياتتۇر. 

 فوبىيەنىڭ ئېنگلىزچىسى: phobia

فوبىيەنىڭ مىساللىرى: 

ئىسلامفوبىيە: ئىسلام دىنى ياكى باكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماددى ۋە مەنىۋى ئەگەشمە ئىشلارغا ئۆچمەنلىك قىلىش، ياقتۇرماسلىق، ۋە ياكى رەت قىلىشى ھېسياتى، كەيپىياتى

ھەمجىنىسفوبىيە: ھەمجىنىسلارنى (يەنى ئوخشاش جىنىسلاقلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت ۋە توي قىلىش قىلمىشى) نى ياتقۇرماسلىق، رەت  قىلىش، ئۆز كۈرۈش، كۆزىگە سغماسلىق ھېسياتى. 

ئۇيغۇرفوبىيە: ئۇيغۇر مىللىتى، تىلى،،دىنى، تائاملىرى، ۋە باشقا بارلىق ئۇيغۇرغا ئائىت نەرسىلەرنى، شەيئىللەرنى ياقتۇرماسلىق، ئۆچ كۆرۈش، بايقۇت قىلىش، ھېسىياتى ۋە ھەركەتلىرى. 

مۇش خىل فوبىيە ھېسياتى بىر كىشلەر ياكى شەخىسلەرنى: فوبى دەپ ئاتاش توغرا؛ مەسلەن، ئۇيغۇرفوبى دېگەنلىك ئۇيغۇرفوبىيە ھېسياتى بار كىشى دېگەن گەپ.

فىلىيە: مەلۇم بىر نەرسە ياكى شەيىئگە ئىجابى پىكىر، كۆز قاراشتا بولۇش، ياقتۇرۇپ قېلىش، قوللاش، ھېسىياتى ۋە ئىش ھەركەتلىرى. 


فىلىيەنىڭ ئېنگلىزچىسى: philia


فىلىيەنىڭ مىساللىرى: 

ئۇيغۇرفىلىيە: ئۇيغۇر كىملىكى، مەدەنيىتى، كۈلتۈرى، تائاملىرى، ۋە باشقا ئۇيغۇرنىڭ نەرسىلىرىنى ياقتۇرۇش، ھۇزۇرلىنىش، ،قوللاش، ۋە سۇپېر گۈزەل ھېس قىلىش تۈرىدىكى بىر خىل ھېسىيات ۋە ئىش ھەركەت. 

گېرمانفىلىيە: گېرمان ياكى ئالمان كۈلتۈرىنى، مەدەنيىتنى، كىملىكىنى، تائاملىرىنى، ۋە باشقا ئېلىمىنتلىرىنى ياقتۇرۇش، قوللاش ۋە باشقا ئىجابى كۆز قاراشتا بولىدىغان ئىش ھەركەن، خىيال. 


ئادەتتە فوبىيە ۋە فىلىيە مەلۇم بىر سۆزنىڭ ئارقىسىغا قوشۇپ ئىشلتىلىدۇ. بۇ خىل سۆزلەر كۆپىنچە ھالدا مەلۇم بىر شەخسى ياكى كوللىكتىپنىڭ يەنە بىر شەخىس ياكى كوللىكتپپكە بولغان كۆز قاراش، ھېسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلدۇ. باشقا ھاۋانلاغا، گۈللەرگە بولغان قىزىقىش، نەپرەت دېگەن ھېىسيات بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋەتسىز. 

مۇشۇ خىل فىلىيە ھېسياتى بار شەخىس ياكى كوللىكتپنى فىلبى دەپ ئاتىسا مۇناسىپ: مەلسەن، ئۇيغۇرفىلبى، بۇ ئۇيغۇرفىلىيە ھېسياتى بار شەخىس ياكى كوللىكتىپنى كۆرسىتىدۇ. 



فوبىيە ۋە فىللىيە نىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قېتىلىشى ۋە ئىشلتىلىشى ئۇيغۇر تىلنىڭ بەزى ئاتالغۇ ۋە ھادىسلەرنى ئىپادىلەش كۈچىنى ئاشۇردۇ ۋە ئاسانلاشتۇردۇ. بەزى مەلۇم بىر ئىش ھادىسنى بىر قانچە سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئۇزۇن گەپلەرنىڭ بەرپا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 


سىزمۇ ئويلىنىپ بېقىڭ، پىكىرىڭىزنى باھا ئارقىلىق ئىپادىلەڭ، نېمىگە قاراپ تۇرىسىز !!!! 







Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)