ئەسەرىيۇم ئەسەرىيۇم بىر خىل ئوچۇق مەنبەلىك، مەزكەزسىزلەشتۈرۈلگەن، ئەقىللىق توختام فۇنكىسيەسى مۇجەسسەملەشكەن بىر خىل بۈلەكچە زەنجىرى. ئەسەرىيۇم سۇپىسنىڭ ئۆزى تارقاتقان شىفىرلق پۇلنى ئەسەر، Ether ، دەيدۇ. ئەسەر شىفىرلىق پۇلىنىڭ قىسقارتىلما نامى ETH دۇر. ئەسەرىيۇمنىڭ ئېنگلىزچە ئاتىلىشى: Ethereum ئەسەر بېت تەڭگىسىدىن قالىسلا بازار قىممىتى جەھەتتە ئىزچىل ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن شىفىرلىق پۇل (كىرىپتو پۇل). 2022-يىلى 15 سېنتەبىر، ئەسەرىيۇم ئورتاق نىزامى (ياكى ئورتاقلىق مېخانىزىمى) ئىش ئىسپاتىدىن "قۇشۇۋېتىش" ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈلۈش ئىسپاتى مېخانىزىمغا ئۆتتى. ئەسەرىيۇم 2013-يىلى تۇنجى قېتىم رۇس پۇشتىدىن بولغان كانادالىق پىروگراممېر ۋىتالىك بۇتېرىن ( Vitalik Buterin ) تەرىپىدىن ئوتتۇرغان قۇيۇلغان. ئەسەرىيۇم تۈرىنىڭ ئورگان تورى: https://ethereum.org/en / يېزىلغان پىروگرامما تىلى: Go, Rust, C#, C++, Java, Python, Nim, TypeScript سۇپا (پىلاتفورما): x86-64, ARM قوللايدىغان تىللار: كۆپ خىل تىل، لېكىن ئاساسلىقى ئېنگلىز تىلى ئەسەرنىڭ تۇنجى تارقىتىلىشى: 2015-يىلى 30-ئ...