مەركەزسىز ئەپ (Decentralized application)

مەركەزسىز ئەپ 



مەركەزسىز ئەپ ئادەتتە ئەقىللىق توختام قاتارلىق تېخنىكا ئارقىلىق ئاپتوماتىك ھالدا ئۆزلىگىدىن ئىشلەيدىغان ئەپ. مەركەزسز ئەپلەر كۆپىنچە ھالدا مەركەزسز ھىسابلاش، بۈلەكچە زەنجىرى ياكى باشقا مەركەزسىز خاتىرە دەپتەر سېستىمىسدا ئىجىرا قىلىندۇ. ئەنئەنىۋى ئەپلەرگە سېلىشتۇرغاندا، مەركەزسىز ئەپلەر ئۈچىنچى شەخسسىز ياكى مەركەزسىز ھالدا ئىشلەتكۈچىلەرگە خىزمەت قىلىدۇ. مەركەزسىز ئەپلەر ئاساسلىقى توكېن (ياكى قىممىتى يوق پۇل بەلگىسى) تارقىتىش ئارقىلىق كىمنىڭ بۇ ئەپگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرستىدۇ. ھىچقانداق شىركەت ياكى تەشكىلەت بۇ ئەپنىڭ سان-سىفىرلارغا ئىگىدارچىلىق قىلالماديدۇ. بۇ ئىگىدارلىق توكېنلىرنى ئالدىنئالا پىروگرامملانغان ئالگورىزىمغا ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك كىشلەرگە تارقىتىلىپ بېرىلدۇ. مۇشۇ توكېنغا ئىگە بولغان كىشلەر ياكى گۇرۇپپىلار دەل مۇشۇ مەركەزسىز ئەپنىڭ بىر قىسىم ئىگىدارچىلىقىغان ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل ئەپنىڭ ھېچقانداق مەركەزلىك باشقۇرغىچىسى بولمغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مەركەزسىز ئەپ دەپ ئاتايدۇ. مەسلەن، سىز ھازىر تېلفونىڭزىدا ئىشلىتۋاتقان ئۈندىدار ئېپى، ئۇ بىر مەركەزلەشكەن ئەپ، ئىگىسى تېڭشۈن شىركتى. ئەگەر مەركەزسىز ئۈندىدار بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا تارقتىلغان ئۈندىدار توكېىنغا ئىگە بولغان كىشلەر توپى دەل بۇ مەركەزسىز ئۈندىدارنىڭ ئىگىسىدۇر. ھېچقانداق بىر كىشى بۇ ئەپنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلەنگەن ئالگورىزىمنى ياكى پىروگراممىسنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھەر بىر ئىشلەكتۈچى ئۆزنىڭ سان-سفىرلغا ئۆزى ئىگە، تېڭشۈن شىركىتى ھېچنىمىگە ئىگە ئەمەس. بۇ بىر مىسال خالاس.

مەركەزسىز ئەپنىڭ تولۇم نامى: مەركەزسىز قوللانما پىروگراممىسى ياكى مەركەزسىز ئەپ، مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن ئەپ. 

مەركەزسىز ئەپ ئېنگلىزچە نامى:  Decentralized application

مەركەزسىز ئەپ قىسقارتىلما نامى: Dapp

تارقاتقان خاتىرە دەپتە تېخنىكىسى دەل مەركەزسىز ئەپ تېخنىكىسنىڭ ئالقىشا ئېلىنىشغا سەۋەب بولغان. بىر قەدەر بىلىنگەن مەركەزسىز ئەپ سۇپىسىدىن ئەسەرىيۇم ۋە سولانا باردۇر.

مەركەزسىز ئەپ تېخنىسكى ئادەتتە ئاكسىيە، پۇل-مۇئامىلە، ئويۇن، پۇل قاپچۇقى، قىممار، ئىدارە قىلىش، كىملىك، سۇغۇرتا قاتارلىق كەڭ ساھەلەردە قوللىنىلدۇ.




Comments

Popular posts from this blog

بىلوگ ھەققىدە

فوبىيە ۋە فىلىيە سۆز ئارقىسىنى ئۇيغۇر تىلىغا كىرگۈزۈش ھەققىدە پىكىر

ئاساسلىق شىفىرلىق پۇل ئاكسىيە بازىرى رەت تەرتىپى(Major Cryptocurrency Exchange Raings)